باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ج ك پ نىڭ مەملىكەتلىك 17– قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى
2007- 10- 16 10:48 تەڭرىتاغ تورى

 (تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

 خۇجىنتاۋ 16 –نۆۋەتلىك مەركىزىي كومېتىتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا دوكلات بەردى ، ۋۇباڭگۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى .

  

    پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەملىكەتلىك 17 – قۇرۇلتىيى 15 – ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى ، خۇجىنتاۋ 16 –نۆۋەتلىك مەركىزىي كومېتىتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا دوكلات بەردى ، ۋۇباڭگۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى .

   خۇجىنتاۋ قۇرۇلتايدا دوكلات بەرمەكتە

 ۋۇباڭگۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلماقتا

      خۇجىنتاۋ 16 –نۆۋەتلىك مەركىزىي كومېتىتىغا ۋاكالىتەن ‹‹جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىمنىڭ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى ››دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى . خۇجىنتاۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى :   بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇھىم تېمىسى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ، دېڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ ، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ئىدىيىنى داۋاملىق  ئازاد قىلىپ ، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشتا چىڭ تۇرۇپ ، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن  تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى .

      خۇجىنتاۋنىڭ 16 –نۆۋەتلىك مەركىزىي كومېتىتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتى جەمئىي 12 بۆلەككە بۈلۈنگەن بولۇپ ، ئۇلار 1، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ؛ 2 ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسى ؛ 3 ، ئىلمىي تەرەققىيات  قارشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ، ئەمەلىيلەشتۇرۇش ؛ 4 ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى تەلىپى ؛ 5 ، خەلق ئىگىلىكىنى ھەم تېز ، ھەم ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش : 6 ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي راۋاجلاندۇرۇش ؛ 7 ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ  تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئالغا سۈرۈش ؛8  ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مەركەز قىلىنغان ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش ؛9 ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى ۋە ئارمىيىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ؛10 ، ‹‹ بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم ››  ئەمەلىيىتى ۋە ۋەتەننى تىنىچ بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ؛11.تىنچ تەرەققىي قىلىش  يولىدا باشتىن – ئاخىر تەۋرەنمەي مېڭىش ؛12. ئىسلاھات ، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش .

     خۇجىنتاۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى :جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ بايرىقى — جۇڭگونىڭ تەرەققىيات بايرىقى ، پۈتۈن پارتىيە ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرۈش قىلىش بايرىقى . ئىدىيىنى ئازاد قىلىش بولسا جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى بىر ئەڭگۈشتەر ، ئىسلاھەت ، ئېچىۋېتىش بولسا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان كۈچلۈك ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ، ئىلمىي تەرەققىيات  ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق بولسا جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەلىپى ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش بولسا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ 2020– يىلىغىچە بولغان كۈرەش نىشانى ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى .

     خۇجىنتاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : پۈتۈن پارتىيە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ بايرىقىنى قىلچە تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ ، خەلققە يىتەكچىلىك قىلىپ ، يېڭى تارىخىي نۇقتىدىن ئاتلىنىپ ، مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ ، راستچىل ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرلەپ ، داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ ، دەۋر يۈكلىگەن يۈكسەك بۇرچنى ئادا قىلىش كېرەك .

 يىغىن نەق مەيدان كۆرۈنۈشى

     خۇجىنتاۋ دوكلاتىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يىڭى تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويدى : تەرەققىياتنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ ، ئىقتىسادنىڭ ھەم تېز ، ھەم ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش ؛سوتسىيالسىتىك دېمكىراتىيىنى كېڭەيتىپ ، خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىق ، ھەققانىيەتنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ؛مەدەنىيەت قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ ، پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ؛ ئىجتىمائي ئىشلانى تېز راۋاجلاندۇرۇپ ، خەلق تۇرمۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش ؛ ئېكولوگىيىلىك مەدەنىيلىك بەرپا قىلىپ ، ئېنېرگىيە ، بايلىقنى تېجايدىغان ۋە ئېك×لوگىيە ، مۇھىتنى ئاسرايدىغان كەسىپ قۇرۇلمىسى ، ئېشىش شەكلى ، ئىستېمال ئىندىزىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك .

   خۇجىنتاۋ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى : جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ، پارتىيە مەركىزىي كومېتىتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئويۇشۇپ ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ ، يول ئېچىپ ئىلگىرلەپ ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنىڭ يېڭى سەھپىسىنى يېزىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى .   

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ