باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
قاناس مەنزىرە رايونى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئېكولوگىيىلىك ساياھەت باغچىسى بولۇپ قالدى
2007- 10- 10 12:15 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     

قاناس

       ئېلىمىزدىكى داڭلىق مەنزىرىلىك ساياھەت رايونى— شىنجاڭ قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ كۆلىمى ئامېرىكا سېرىق تاش دۆلەت باغچىسىنىڭ كۆلىمىدىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئېكولوگىيىلىك ساياھەت باغچىسى بولۇپ قالدى.

قاناس

      ئامېرىكا سېرىق تاش دۆلەت باغچىسى نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ قەدىمىي دۆلەت باغچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ كۆلىمى 9 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ھالبۇكى پىلانلىنىپ بولغان ‹‹ چوڭ قاناس ساياھەت رايونى›› ھازىرقى قاناس دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن، يەنە قابا ناھىيىسى تېرەك يېزىسىدىكى ئاق قابا كەنتى، بورچىن ناھىيىسى قۇمقاناس مۇڭغۇل يېزىسى، نارىن يايلىقى قاتارلىق رايونلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 10 مىڭ 30 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

  ئامېرىكا سېرىق تاش دۆلەت باغچىسىدىن كۆرۈنۈش

      نۆۋەتتە، چوڭ قاناس ساياھەت رايونى قاناس ئايرودرومى، قاناس كۆل رايونى، قۇمقاناس، ئاق قابا جيادېڭگۇ قاتارلىق مەنزىرە رايونلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئېشىك بېلىتى، رايون ئارا قاتنايدىغان ئاپتۇموبىل، قاناس كۆلى غەربىي كۈتىۋېلىش مەركىزى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىشكە تاپشۇردى. مەنزىرە رايونىنىڭ بۇ يىل كۈتىۋالغان ساياھەتچىلەر سانى بىر مىليون ئادەم - قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى.

  ئامېرىكا سېرىق تاش دۆلەت باغچىسىدىن كۆرۈنۈش

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ