باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى›› گىرمانىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى بېرلىندا باشلاندى
2007- 09- 26 11:16 تەڭرىتاغ تورى

        ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى›› ئۆمىكىنىڭ گىرمانىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى شۇ جاي ۋاقتى 2007 – يىلى 9 – ئاينىڭ 24- كۈنى يېڭىدىن قۇرۇلغان بېرلىن جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزىدە باشلاندى.

         ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى›› ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى نۇر بەكرى( ئوڭدىن 2– كىشى) ، ئېلىمىزنىڭ گىرمانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ما شيەنرۇڭ( سولدىن 2– كىشى )، بېرلىن ئوبلاستىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى فرېتس ( سولدىن 1– كىشى ) ئېچىلىش مۇراسىمىدا لېنتا كەستى.

      نۇر بەكرى ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: ‹‹ جۇڭگو بىلەن گىرمانىيىنىڭ ئارىلىقى گەرچە يىراق بولسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەت خەلقى خېلى بۇرۇنلا دوستانە مۇناسىۋەت ئورناتقان. جۇڭگو - گىرمانىيە ئىككى دۆلەت خەلقى ئەزەلدىن ياخشى دوستلاردىن ھەم ياخشى شېرىكلەردىن. 1972- يىلى، جۇڭگو بىلەن گىرمانىيە دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچتى ››.  نۇر بەكرى مېھمانلارغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئورنىنى تونۇشتۇردى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:‹‹  بىز گىرمانىيە بىلەن بولغان ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ھەمدە بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى ئەللەر بىلەن بولغان چۈشىنىش ۋە تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - گىرمانىيە دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىدا يېڭى سەھىپە يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز ›› .

      باش ئەلچى ما سەنرۇڭ بىلەن بىرلىن ئوبلاستى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى فرېتس ئارقىدىنلا ئايرىم ھالدا تەبرىك سۆزى قىلىپ، ‹‹جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ھەپتىلىكى›› ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ