|

10 كۈن داۋاملاشقان ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى›› ئۆمىكىنىڭ شۋېتسىيە بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى شۇ جاي ۋاقتى 2007 –يىلى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شۋېتسىيىنىڭ لىتىنيۈ شەھىرىدە ئاخىرلاشتى.
بۇ قېتىمقى ‹‹جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، شۋېتسىيىنىڭ 3 مۇھىم شەھىرى ستوكھولىم، ئېسكىلستۇنا، لىتىڭيۈدە ئۆتكۈزۈلدى. ‹‹جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى›› ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، 14 قېتىم چوڭ تىپتىكى ئويۇن قويۇش ۋە كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللىدى، ئۇلار بارغانلىكى جايدا كۆزگەزمە زالىدا ئادەملەر توشۇپ كەتتى، ناخشا - ئۇسۇل ئاۋازى مەيداننى بىر ئالدى، چاۋاك ساداسى ئۈزۈلمەي ياڭرىدى. شۋېتسىيىدىكى ھەر قايسى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى تەپسىلىي، جانلىق خەۋەر قىلدى.

2007 – يىلى 9 – ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى›› ۋەكىللەر ئۆمىكى دۆلىتىمىزنىڭ شۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۈ فېڭدىڭنى ئالاھىدە يوقلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى لى يى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن دۆلىتىمىزنىڭ شۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ پائالىيەتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش ۋە ياردەم قىلىشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا تەشەككۈرىنى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئەلچىخانىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە قوللىشىنى ئۈمىدى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باش ئەلچى لۈ فېڭدىڭ ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ھەپتىلىكى›› نىڭ شۋېتسىيىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنى ئەتراپلىق نامايەن قىلغانلىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ پائالىيىتىڭلار ۋاقتىدا، ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولدى، بۇنىڭدا شىنجاڭ تەشۋىق قىلىنىپلا قالماي، جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قىياپىتى نامايەن قىلىندى، تەشۋىقات ئۈنۈمىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەلچىخانىمىزنىڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدىڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن ئەلچىخانىمىز ئاۋالقىدەكلا شىنجاڭنىڭ شۋېتسىيىدىكى تۈرلۈك تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيەلىرىنى قوللايدۇ.
|