|

‹‹جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى 2007 – يىلى 8- سېنتەبىر دۇنياغا داڭلىق شۋېتسىيە ۋولۋو شىركىتى قۇرۇلغان — شۋېتسىيىنىڭ ئېسكىلستۇنا شەھىرىدە تەنتەنىلىك باشلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ،‹‹جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى›› ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى لى يى ئېسكىلستۇنا شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كىرىستىنا ئەيلىكسقا سوۋغا تەقدىم قىلدى .
ئېسكىلستۇنا شەھىرى شۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولم شەھىرىنىڭ شەرقىدىن 150 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، 350 يىللىق تارىخقا ئىگە. ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى ›› ۋەكىللەر ئۆمىكى ئېسكىلستۇنا شەھىرىنى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدۈردى.
شەھەر مەمۇرىيىتى بىناسى ئالدىدا جۇڭگو - شۋېتسىيە ئىككى دۆلەت بايرىقى چىقىرىلىپ، شەھەرنىڭ ئاساسىي كوچىلىرىغا ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى ›› پائالىيىتىگە ئائىت تەشۋىقات رەسىملەر چاپلاندى. 8- سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، ئېسكىلستۇنا شەھىرى تىياتىرخانىسى شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ كېلىشى بىلەن باشقىچە قىزىپ كەتتى. ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى ›› پائالىيىتىگە ئالاقىدار ئېلانلار تىياتىرخانىنىڭ ئىككى تەرىپىگە چاپلانغان بولۇپ، تىياتىرخانا بىناسىنىڭ مەركىزىي قىسمىغا شۋېتسىيە يېزىقىدا‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز›› دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا ئېسىقلىق ئىدى. تىياتىرخانا زالىغا يەنە شىنجاڭ تەشۋىق قىلىنغان تۈرلۈك كىتاپ، رەسىملەر توپلىمى، ئاتكىرىتكا ۋەDVD كىنو فىلىملىرى تىزىپ قويۇلغان ئىدى. ئىككىنچى قەۋەتتە شىنجاڭنىڭ ئۆرپ- ئادىتى چۈشەندۈرۈلگەن DVD ھۆججەتلىك فىلىمى قويىلىۋاتاتتى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 7 دىن 30 مىنوت ئۆتكەندە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى ›› ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى لى يى بىلەن ئېسكىلستۇنا شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كىرىستىنا ئەيلكس ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى ›› پائالىيىتىنىڭ داغدۇغىلىق باشلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئايرىم ھالدا تەبرىك سۆزى قىلدى ھەمدە ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى ›› پائالىيىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە لى يى ۋە كىرىستىنا ئەيلكس، ئېلىمىزنىڭ شۋېتسىيە باش ئەلچىخانىسىدا تۇرۇشلۇق ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىگۈچىسى جۇ خېڭ ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى ››پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنىڭ لېنتىسىنى كەستى.
لى يى تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: ‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. بۇ قېتىم ئېلىپ كەلگەن ناخشا- ئۇسسۇل، فوتو سۆرەت ئەسەرلىرى، كىنو فىلىملىرى، كېيىم - كېچەك ۋە ھۆنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىمىزنىڭ ئېسكىلستۇنا شەھەر ئاھالىسىنى ئاپتونوم رايونىمىز جۈملىدىن دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغانلىقىغا؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت ھەپتىلىكى پائالىيىتىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە، ئىككى تەرەپنىڭ ئىناق، دوستانە، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىشىنىمىز .
ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە شۇ جايدىكى ئامما بىرلىكتە تۇنجى مەيدان ئويۇننى كۆردى.

شىنجاڭ سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى مەشرەپكە چۈشتى

ئېسكىلستۇنا شەھەر خەلقى ئېسىل نومۇرلارغا ئالقىش ياڭراتماقتا
|