|

‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى ›› پائالىيىتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى2007 – يىلى 9– ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ‹‹ شىمالدىكى ۋېنىتسىيە›› دەپ ئاتىلىدىغان شۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولم شەھىرىدە ئېچىلدى.
‹‹ جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى›› ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى:‹‹ جۇڭگو بىلەن شۋېتسىيىنىڭ ئارىلىقى گەرچە يىراق بولسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئالاقىسى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالاقىدىن شەكىللەنگەن زامانىۋى يېپەك يولى، ۋاقىت ۋە بوشلۇقتىن ھالقىپ، فرانسىيە يەر كۆلىمىنىڭ 3 ھەسسىگە باراۋەر كېلىدىغان شىنجاڭنى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرى شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈردى. بىز شۋېتسىيە بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تۇلىمۇ ئۈمىد قىلىمىز. بىز بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ياۋرۇپا ئەللىرىدىكى ئامما بىلەن بولغان ئالاقە ۋە تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تۇلىمۇ ئارزو قىلىمىز ››.
‹‹جۇڭگو شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەپتىلىكى ›› پائالىيىتىدە، شۋېتسىيىلىك تاماشىبنلارغا جۇڭگو شىنجاڭ سەنئەتكارلىرىنىڭ 100 دىن كۆپرەك فوتو سۆرەت ئەسىرى ۋە رەسىملەر، ‹‹ شىنجاڭ تەسىراتى››، ‹‹ سېھرىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ›› ، ‹‹ تۇرپانغا مۇھەببەت›› قاتارلىق فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى شۇنداقلا سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلىدۇ .

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شىنجاڭلىق ئارتىسلار بىلەن شۋېتسىيلىك دوستلار ئۇيغۇرچە ئۇسۇلغا چۈشتى
|