باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
قەدىمكى توي- تۆكۈن قائىدىلىرىمىزگە نەزەر
2007- 07- 02 12:11 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     

       ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى توي-تۆكۈن مۇراسىملىرىمىز مىللىي ئۆرۈپ - ئادەت، مىللىي خارەكتىر ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ كۆپ خىل ئامىللىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ئۇلۇغ ئالىمىمىز مەھموت قەشقىرى ئۆز دىۋانىدا تىل مەسىلىلسى ھەققىدىلا توختىلىپ قالماي، ئۆرۈپ- ئادەت، توي مۇراسىملىرىغا ئائىت ئەھۋاللارنى يىغىنچاقلاپ ئىپادىلەپ بەرگەن. ‹‹  ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى ›› ناملىق كىتاپتا ئۇيغۇرلاردىكى سودا خارەكتىرىدىكى توي يوسونى دىۋان يېزىلغان دەۋىردىن مىڭ يىللار ئىلگىرىلا ئەمەلدىن قالغان، دىيىلگەن. سودا خارەكتىردىكى توي قانداق توي ؟ ئۇنىڭدا قىز تەرەپكە ناھايىتى كۆپ بەدەل بېرىلەتتى. ياتلىق قىلىنغان قىز ئوغۇل تەرەپنىڭ مەڭگۈلۈك مۇلكى - مىراسى بولۇپ كېتەتتى. ئۆز ئاتا- ئانىسى بار تۇرۇقلۇق مىراسخورلۇق ھوقوقى بولمايتتى. ئېرى ئۆلۈپ كەتسە ئېرىنىڭ ئىنىسىغا خوتۇن بولاتتى. بۇ خىل توي يوسونلىرى بارا -بارا ئۆزگۈرۈپ ، مىلادىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ‹‹  ئەلچى›› لەرنىڭ  ۋاستىسىدە ئەركىن كېڭىشىش ئاساسىدىكى ‹‹  تويلۇق سېلىش، قۇدا بولۇش››  تەك توي قائىدە -يوسونلىرى بارلىققا كەلگەن. مەخموت قەشقىرى ئۆز كىتابىدا قۇدىلاشماقچى بولغان ئائىللەر ئوتتۇرسىدا ماڭغۇچىلارنى ‹‹ ئارقۇچى (ئەلچى) ››  دەپ كۆرسەتكەن .  840 يىلىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان خاتىرلەرگە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەندىكىدەك تونۇش ھاسىل بولىدۇ.

      ‹‹ غەربىي رايوننىڭ خەرىتىلىك تەزكىرسى ››  دە مۇنداق دىيىلگەن: ‹‹  ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىدە توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئوغۇل تەرەپ قىزنىڭ ئائىلىسىگە ئەلچى ئەۋەتىدۇ ھەم شۇ ئارقىلىق توي توغرىسىدىكى تەكلىپنى بىلدۈرىدۇ. قىز تەرەپنىڭ ئائىلىسى يېقىن تۇققانلىرىنى يىغىپ بۇ ئىشنى مەسلىھەتلىشىدۇ. رازىلىق بېرىلگەندىن كېيىن، قىز تەرەپ رازىلىقنى ئوغۇل تەرەپكە يەتكۈزىدۇ. ماقۇللۇققا ئېرىشكەن ئوغۇل تەرەپ سېمىز قويدىن بىرنى سويۇپ  پىشۇرۇپ توي سوۋغىسى قىلىپ ئەلچى ئارقىلىق قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ئەۋەتىدۇ. قىز تەرەپمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن  ئەلچى ئارقىلىق يىگىت تەرەپكە يىپەك رەخت ئەۋەتىدۇ ھەم قىزنىڭ ئۆيىدە مەسلىھەت ئۆتكۈزۈپ ، توينىڭ كونكىرىت ۋاقتى، ئوغۇل تەرەپ تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك تويلۇق بېكىتىلىپ، ئەلچى ئارقىلىق ئوغۇل تەرەپكە يەتكۈزىلىدۇ ›› .

      ·ماتىرياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، قەدىمكى زاماندىمۇ خان، پادىشاھلارنىڭ توي- تۆكۈنلىرى بىلەن ئاددىي پۇخرالارنىڭ توي- تۆكۈنلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىدە چوڭ پەرىقلەر بار ئىكەن. ئېدىقۇت دەۋرىگە ئائىت ۋەسىقىلەردە ‹‹ مەن قىزىمنى قالىڭ مالسىز ياتلىق قىلدىم ›› دېگەن سۆزلەر بار. ‹‹ دىۋان›› نىڭ 3- تومىدا قالىڭ مال ھەققىدە ئىزاھات بېرىلگەن . ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى (850- 1250-يىللار) دەۋرىدىن قالغان ‹‹  توي- تۆكۈن، نەزىر خىراجەت خاتىرسى››  ناملىق ماتىريالدا، كۆرسىتىلىشىچە، تويلۇق سېلىشنىڭ باش نىشانى ھېسابىدا ئاق كىمخاپ رەخت، توي ئەلچىلىرى ياكى  توي كۆچۈرگۈچىلەرنى ئىشىككە باشلاپ كەلگۈچىگە، توق قىزىل تاۋار، قىز ئېلىپ كەلگۈچى خانىملارغا قىزىل تاۋاردىن سۆيۈنچە بېرىش، قىزغا ئاتاپ ئۇپا- ئەڭلىك،  خىنە، ئەينەك، قاداق، بىلەيزۈك،  مۇنچاق، تىزىقلىق ئۈنچە، ياقۇت،  كەھرىۋا، قاشتېشى ھازىرلاش ۋە قىزنى ئۇزاتقاندا ئۇنىڭغا غەلۋۇر، بوغچا، بىلەي، قوشۇپ بېرىش، ؛ كېلىنگە ئاتاپ تويلۇق تونى تەييارلاش، كۈيئوغۇلغا تونلۇق تەييارلاش؛ قىز - يىگىتنىڭ تويدىن ئىلگىرىكى كۆرۈشۈش قائىدىسى ئۈچۈن سويۇلىدىغان قوينى ئايرىم تەييارلاش؛ توي كۆچۈرگەندە  كوچا دەرۋازىسىغا قارىغۇچىغا  يىپەك رەخت سوۋغا قىلىپ  دەرۋازا ئاچقۇزۇش.....قاتارلىق قائىدە - يوسونلار، شۇنىڭدەك تويلۇق سېلىقىدا يىگىت تەرەپلا چىقىمدار بولۇپلا قالماي، قىز تەرەپمۇ چىقىمدار بولۇشتەك ئۆرپ- ئادەت بارلىقىنى كۆرىمىز .

      ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دىكى توي - تۆكۈنگە ئائىت مەزمۇنلاردىن كېلىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەندىن كېيىن، مۇراسىم بولۇۋاتقان مەيداندا يىگىت بىلەن كىلىننىڭ باش ئۈستىدىن چاچقۇ چېچىلىدىغانلىقى مەلۇم.  بۇ مەنزىرىنى مەخموت قەشقىرى كىچىك بەزمە، دەپ چۈشەندۈرگەن  ھازىرمۇ يېزا - قىشلاقلاردا بولۇۋاتقان تويلاردا، كېلىن بىلەن يىگىتنىڭ باش ئۈستىدىن چاچقۇ چېچىلىپ، مەغمە- ناۋا قىزىپ، توي ئەھلى بەزمىنى ئەۋجىگە كۆتۈرىدىغان ئادەت مەۋجۇت .

      دىۋاندا يەنە تويى بولۇۋاتقان قىز ئۈچۈن ئالاھىدە چىمىلدىق، يىپەك رەختتىن ئىشلەنگەن كۆشۈگە تەييارلىنىدىغانلىقىمۇ كۆرسىتىلگەن. بۇ ئادەتمۇ يېقىنقى زاماندا ئۆتكۈزۈلگەن تويلىرىمىزدا ئۆز ئەكسىنى ساقلاپ كەلگەن .

      ·تارىختىن بۇيان خەلقىمىز توي ئىشىغا يەنى ئائىلە قۇرۇش مەسىلىسىگە كۆپ ئەھمىيەت بەرگەن. بۇنى ئۆمۈر سودىسى، ئادەمنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسېۋەتلىك دەپ قارىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، توينى قانداراق شەكىلدە ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا باش قاتۇرغان. توي ئۆتكۈزۈش ئىجتىمائىي تۈزۈم، دىنى ئېتقاد، ئىقتىساد، ئۆرۈپ- ئادەت ۋە جامائەت ئەخلاقىغا چېتىشلىق بولۇپ، زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن توي قائىدە - يوسونلىرىدا  كۆپ ئۆزگۈرۈش بولغان بولسىمۇ، قەدىمكى توي يوسونلىرىدىكى بەزى ئامىللارنىڭ يەنىلا ساقلانغانلىقىنى كۆرىمىز. بەزى خاتىرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەجداتلىرىمىزدا قىز بىلەن يىگىت ئۆز ساداقىتىنى ۋە ئېتقادىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چىمچىلاق بارمىقىنى چىشلەپ ياكى كېسىپ قانىتىپ، چىققان قاننى بىر - بىرىگە قوشۇلدۇرۇپ، ئۆمۈرلۈك جۈپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئادەت بولغان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كېيىنكى زامانلاردا بۇنىڭ ئورنىنى  تۇزغا چىلانغان ناننى يىيىش ئادىتى قالغان. ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئۇنىڭغا نىكاھ ئوقۇش قوشۇلۇپ، توي- نىكاھ ئىشلىرىدا بىر رەسمىيەتكە، ئوغۇل -قىز تويلىرىدا ئەمەل قىلىشقا تىگىشلىك بىر مىللىي ئۆرۈپ - ئادەتكە ئايلانغان .

      ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا،خەلقىمىزدە توي ئۆتكۈزۈش يەنى ئەر- ئايالنىڭ بىر ئۆيگە كىرىپ ئەر- خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى باشلىشى ئانچە ئاددىي بولمىغان. بەلكى ئۆز دائىرسىدىكى جامائەتنى قاتناشتۇرۇپ، ئائىلە قۇرغانلىقىنى جاكارلاش، تۇرمۇشنى سۆيۈپ، ئەۋلات قالدۇرۇپ، ئاتا- بوۋىلار ياشىغان زىمىننى گۈللەندۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئىزىغا ۋارىسلىق قىلىش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈش ئورتاق مىزانغا ئايلانغان.

 

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ