|
(تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى)

ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى: 12–ئىيۇن، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرىست جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى،جۇڭگو قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى پېڭ پېييۈن باشچىلىقىدىكى جۇڭگو قىزىل كىرىست جەمئىيىتى ھال سوراش ئۆمىكىدىكىلەر تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى سۆز قىلدى
جۇڭگو قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇجۈشىياڭ باش جەمئىيەت ۋە شىياڭگاڭ، ئاۋمىن قاتارلىق جايلاردىكى قىزىل كىرىست جەمئىيەتلىرىگە ۋاكالىتەن ،ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرىست جەمئىيىتىگە 7مىليون60مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى پۇل ۋە نەرسە–كېرەك ئىئانە قىلدى.

جۇڭگو قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى پېڭ پېييۈن يىغىندا سۆز قىلدى

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرىست جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى قىزىل كىرىست جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن ئىئانىنى قوبۇل قىلدى
|