|
تەڭرىتاغ تورى -- گوۋۇيۇەن ئاخبارات ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى رەھبەرلىك قىلىدىغان ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى باشقۇرىدىغان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يېقىندىن ھەمكارلىشىشى بىلەن قۇرۇلغان يېڭى تور ئالاقە ۋاسىتىسى(خەنزۇچە ، ئۇيغۇرچە ، ئىنگلىزچە ، روسچە تۆت خىل تىلدا چىقىرىلىدۇ ) ، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى بىردىنبىر نۇقتىلىق ئاخبارات تور پونكىتى . تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە تور بېكىتى (http://uyghur.xjts.cn) شىنجاڭدا تۇنجى بولۇپ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر تور ئاخبارات ۋاسىتىسى بولۇپ ، 2002 – يىلى 12 – ئايدا سىرتقا سىناق تەرىقىسىدە ئېچىۋېتىلدى ، 2003 – يىلى 12 – ئاينىڭ 18 – كۈنى سىرتقا رەسمىي ئۇچۇر تارقىتىشقا باشلىدى . تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە تور بېكىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تور ئاخباراتچىلىقىدىكى ئۆتكۈر كۆز بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيىنىڭ توغرا ئاخبارات ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ ، شىنجاڭدىكى يېڭىلىق ، ئەڭ يېڭى ئۇچۇر ، خىلمۇ خىل نوپۇزلۇق ئاخبارات قاراشلىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە مۇجەسسەملەشتۈ رۈ پ ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كەڭ كۆرۈرمەنلەرنى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ كەلدى . تور بېكىتى قۇرۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان «شىنجاڭ گېزىتى » ، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى قاتارلىق تەسىرى زور ، نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ، ئۇلارنىڭ قوللىشى ۋە يېقىندىن ياردىمىنى قولغا كەلتۈردى .
تور بېكىتى نۆۋەتتە ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەڭ كۆرۈرمەنلەر بىلىشنى خالايدىغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ، مەدەنىيىتى ، يۇكسىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ، مائارىپى ، گۈ للىنىۋاتقان ساياھەتچىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېڭىلىقلارنى ، ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن ئەڭ زور مىقداردا تارقىتىش مەقسىتىدە تور بېتىنى يېڭىلاش قاتارلىق چوڭ ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ ، بەت يۈزىنى تېخىمۇ رەڭدار لايىھەلەپ ، سەھىپىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ۋە جەلپكار قىلىپ ، مەزمۇنلارنى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇردۇق . تور بېكىتىمىز يەنە چەت ئەللەردىكى لاتىن ۋە سلاۋىيان يېزىقلىرىنى قوللىنىدىغان كەڭ كۆرۈرمەنلىرىمىزنى ئالاھىدە كۆزدە تۇتۇپ ، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى خەۋەر – ماقالىلارنى لاتىن ۋە سلاۋىيان يېزىقلىرىغا ئاپتوماتىك ئايلاندۇرىدىغان سىستېمىنى بارلىققا كەلتۈردى .
|