|
تەڭرىتاغ تورى -- گوۋۇيۇەن ئاخبارات ئىشخانىسى تەستىقلىغان ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى باشقۇرۇشىدىكى ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يېقىندىن ھەمكارلىشىشى بىلەن قۇرۇلغان يېڭى تور ئالاقە ۋاسىتىسى(خەنزۇچە ، ئۇيغۇرچە ، ئىنگلىزچە ، روسچە تۆت خىل تىلدا چىقىرىلىدۇ ) ، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى بىردىنبىر نۇقتىلىق ئاخبارات تور پونكىتى .
تەڭرىتاغ تورى ئۇيغۇرچە تور پونكىتى (http://xjtsnews.com) ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تۇنجى تور ئاخبارات ۋاسىتىسى بولۇپ ، 2002 – يىلى 12 – ئايدا سىناق تەرىقىسىدە خەۋەر تارقىتىشقا باشلىغان . 2003 – يىلى 12 – ئاينىڭ 18 – كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلغان .
تور پونكىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شىنجاڭ گېزىتى ، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى ، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ، ئۈرۈمچى خەلق رادىئو ئىستانسىسى ، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ، شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى ، قانۇنچىلىق گېزىتى ،‹‹ بۈگۈنكى شىنجاڭ ›› ژورنىلى ، ‹‹تارىم›› ژۇرنىلى ، ‹‹ مىراس›› ژۇرنىلى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن دوستانە ھەمكارلىشىپ كەلدى .
|